رېين گىرېفىس: نېمە ئۈچۈن ياۋروپا جۇڭگو پۇتبولىغا نارازى بولىدۇ؟

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-06 12:16:09

ئىلگىرى لياۋنىڭ، بېيجىڭ گوئەن، بېيجىڭ باشى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن ئاۋستىرالىيەلىك ھۇجۇمچى رېين گىرېفىس ئالاقە سۇپىسىدا ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى ئىپادىلىدى.

گىرېفىس مۇنداق دېدى: «نېمىشقا كۆپلىگەن ئادەملەر جۇڭگونىڭ قىلىمىشىغا ئۆچلۈك قىلىدۇ؟جۇڭگولۇقلار پەقەت ياۋروپالىقلار نۇرغۇن يىل قىلغان ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ياۋروپالىقلار رىقابەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ».

ئۇنىڭ ئەۋەتكەن تىۋېتتىرىنى ھازىرقى جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىدىكى ئاۋستىرالىيىلىك بېك سايىنسبۇرىي قوللىدى.

بەزى تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئېنگىلاندمۇ بىر مەزگىللەردە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلغان توپچىلارنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئىدى».

رېين گىرېفىس ئىلگىرى لياۋنىڭ كوماندىسىدا توپ تەپكەن، 2009-يىلى بېيجىڭ گوئەن كوماندىسىدىكى ۋاقىتتا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر شياڭگاڭدىكى نەنخۇا كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有