پارىژ سانت گېرمان خېسى بىلەن رىم توپچىسى رۇدىگېرنى ئالماشتۇرماقچى

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-12 10:43:12

«رىم تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت گېرمان رىم كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا بېكى رۇدىگېرنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ توپچىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن، خېسىنى رۇدىگېرنىڭ سودىسىغا قوشماقچى ئىكەن.

خېسى بۇ يىل يازدا خانلىق مادىرىدتىن پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان، ئۇ كوماندىغا قوشۇلغاندىن كېيىن تۈزۈك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسپانىيەلىك بۇ توپچى 1-ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا پارىژ سانت گېرماندىن ئايرىلىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رىم كۇلۇبى خېسىغا ناھايىتى قىزىقىدىكەن، چۈنكى كوماندىدىكى مۇھەممەد سالاھ 1-ئايدا ئافرىقا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ، شۇڭا رىم كۇلۇبى ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن يان ھۇجۇمچىدىن بىرنى قوشۇۋالماقچى بولغان.

«رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت گېرمان رىم كۇلۇبى بىلەن سودا قىلىشنى خالايدىكەن، چۈنكى ئۇلار رىمدىكى رۇدىگېرغا ناھايىتى قىزىققاچقا، خېسىنى رىمغا بېرىپ، گېرمانىيەلىك بۇ بېكنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن. پارىژ سانت گېرماندىن باشقا چېلسىمۇ رۇدىگېرنى قوشۇۋالماقچى، بىراق رۇدىگېرنىڭ ۋاستىچىسى ئۇلارغا رۇدىگېر رىمدىن ئايرىلمايدۇ دېگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有