شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆزئارا قوشماقلاشتى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-05 12:28:35

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ «ئىتتىپاق» قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مەشىق ئىچىملىكىنى تەقدىم قىلدى.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى ۋاسكېتبول سارىيى بىر تۈركۈم ئالاھىدە تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قىزلار(17 ياشتىن تۆۋەنلەر گۇرۇپپىسى)U17گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيونلىققا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.

بۇ يىل ئاپرېلدا، ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقە پەسلىدە 2-لىككە ئېرىشكەن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەنئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلىكتە «ئىتتىپاق» قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە قوشماق بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ ۋوجياڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جەن شۇپىڭنى مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسنىڭ پەخرى باشتىرېنېرلىقىغا، سۈن يوڭچىيەن، گاۋ فىڭجۇەنلەرنى پەخرى تىرېنېرلىققا، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى 12 نەپەر كوماندا ئەزاسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ دەرستىن سىرتقى يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان.

مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ قىزلارU17يىللىق مۇسابىقىسى 2016-يىل 24-نويابىردىن 27-نويابىرغىچە گۇيجۇ ئۆلكىسى لوڭلى ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان سەككىز كوماندا ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇنجى قېتىممۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ ئاكتىپ ئۆگىنىش پوزېتسىيەسىدە بولۇپ، ھەر بىر توپنى جايىدا ئۇرۇپ، ئۇدا يەتتە مەيدان چېمپىيون بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «ئىتتىپاق» قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ۋەكىلى ليۇ شىنيى سۆز قىلماقتا.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «ئىتتىپاق» قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بارلىق كوماندا ئەزالىرى


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有