2034-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى جۇڭگو ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-30 17:31:17

يەر شارى تورى 30-نويابىر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاسىيا ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مانچېستېر بىلەن چېلسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى پېتىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو 2034-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن، چۈنكى جۇڭگونىڭ نىشانى 2050-يىلىدىن ئىلگىرى يەر شارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول دۆلىتىگە ئايلىنىش.

پېتىر يەنە مۇنداق دېگەن: ناۋادا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2034-يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتە جۇڭگو دۇنيادىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىنى ئاكتىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ، 22 ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبى ھازىر جۇڭگو شىركىتىگە تەۋە، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئەڭ ياخشى تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ جۇڭگونى پۇتبول تەنھەرىكىتى تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو شىركىتى 2015-يىلى 40 مىليون يۈەن خەجلەپ چەتئەلنىڭ پۇتبول كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىنى سېتىۋالغان، بۇ يۈزلىنىش 2016-يىلىغىچە داۋاملاشتى، پەقەت 2016-يىلى 8-ئايدىلا جۇڭگو ئۈچ پۇتبول كۇلۇبىنى سېتىۋالدى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有