خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا بىر كۈن تەزىيە بىلدۈرىدىكەن

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-30 12:50:06

جۇڭگو ئاخبارات تورى 30-نويابىر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيە Chapecoense پۇتبول كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى ۋە باشقا يولۇچىلار چىققان ئايروپىلان بەختكە قارشى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 77 ئادەمنىڭ پەقەت 6 سىلا ھايات قالغان، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، قازا قىلغان پۇتبولچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كولومبىيەنىڭ مېدىللىندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر پاجىئە، پۇتبول ساھەسى بۇ ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلارغا بىر كۈن تەزىيە بىلدۈرىدۇ. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有