خان مادرىت بىلەن بارسىلونا مۇسابىقىسىنىڭ بېلەت باھاسى زادى قانچە؟

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-29 17:54:20

12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:15دە، بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسدىكى تۇنجى «دۆلەت دېربىيىسى» نوكەمپودا ئوينىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان بۇ بىرمەيدان ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيىسى»نىڭ مۇسابىقە بېلىتى زادى قانچە ياۋرو؟

«دۆلەت دېربىيىسى» باشلىنىشقا ئالتە كۈنمۇ قالمىغان ۋاقىتتا، كۆپ قىسىم مەستانىلەرنىڭ ھەتتا بىر تال بېلەتكە ئېرىشىشىمۇ تەسلىشىپ كەتكەن. تۆنۈگۈن كەچتىكى بارسېلونا مېھمان مەيدانىدا خانلىق جەمئىيەت بىلەن تەڭلەشكەن مۇسابىقىدىن كېيىن، بارسېلونا بىرلەشمە مۇسابىقىدە 6 نومۇر پەرق بىلەن خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ كەينىدە قالدى. بۇ بىر مەيدان «دۆلەت دبرىيىسى» ھەر ئىككى كوماندىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.

«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» خەۋىرىدە، بارسېلونا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يولى ئارقىلىق مەستانىلەرنىڭ بىر قىسىم بېلەتلەرنى سېتىۋېلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. ئەمما بۇ بېلەتلەرنىڭ ھەممىسى VIP (ئەزالىق) بېلىتى بولۇپ، باھاسى 1300 ياۋرودىن 2100 ياۋروغىچە ئىكەن.

بىراق مەستانىلەر يەنە باشقا خىل يول ئارقىلىقمۇ بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن. مەسىلەن، توردا بېلەت سېتىش شىركىتى Viagogo ۋە Ticketbisدىن پايدىلىنىپمۇ بېلەت سېتىۋالالايدىكەن. بۇ تور بېكەتلەر ساتىدىغان بېلەتنىڭ باھاسى 513 ياۋرودىن 1000ياۋروغىچە. توردا بېلەت سېتىش شىركىتى بولغان Viagogoدا، مەستانىلەر 437 ياۋرولۇق ئادەتتىكى بېلەتنىمۇ سېتىۋالالايدۇ. يەنە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان VIP(ئەزالىق) بېلىتىمۇ بار بولۇپ، باھاسى 13185 ياۋرو بولغان.

شۇنداقتىمۇ «دۆلەت دېربىيىسى»دا بىرقىسىم بېلەت باھاسى يەنىلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن. 513 ياۋرولۇق بېلەتمۇ بار، 120 مىڭ ياۋرودىن يۇقىرى بېلەتمۇ بار. 120مىڭ ياۋرو، خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 877 مىڭ يۈەن بولىدۇ. مۇشۇنداق باھالىق بېلەت بىر تالمۇ ئېشىپ قالمىغان.

گەرچە بىز ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بارلىق سوممىدىكى بېلەتلەرنى سېتىپ بولالايدىغانلىقىنى ياكى سېتىپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن، بۇ بىر مەيدان «دۆلەت دېربىيىسى»نىڭ بېلەت بازىرىغا نىسبەتەن قانچىلىك زەربىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • چېلسى كوماندىسى 0-0 مادرىت رىقابەت كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى

    2013-2014-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇس 2013-2014-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن سەھەر ۋاقتى سائەت 2:25 ئۆتكەندە ،چېلسى كوماندىسى بىلەن مادرىت رىقابەت كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئۆ...

  • خان مادرىت كوماندىسى1-0بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى ئۇتۇۋالدى

    ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگ ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن خان مادرىت بىلەن بايرىن مىيۇنخىن ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزۈلدى مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىت كوماندىسى 1-0 نەتىج...

  • مادىرىت رىقابەت ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى

    مادرىت رىقابەت كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاندىن سىرىت ئۆزىنىڭ چىمپىيونلۇققا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:45 تە، 2013 2014- مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇ...

  • خانلىق مادىرىد 2-2 ۋالونسىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى

    خانلىق مادرىت كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پۈتۈنكۈچى بىلەن مۇداپىيەدە تۇرغان بولسىمۇ ،ئەمما رەقىبىنى يەنىلا ماغلۇپ قىلاممىدىئۈرۈمچى ۋاقتى5-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 1دە (ئىسپانىيە شۇ يەر ۋاقتى 4-كۈنى كەچ سائەت 9دا) 2013-2014 يىللىق مۇسابىقە پەسلى...

  • خان جەمەتى مادرىت كوماندىسى ياۋروپا چىمپىيونى بولدى

    5-ئاينىڭ 25-كۈنى،ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لىسىبىن مەيدانىدا ،خان مادرىت كوماندىسى بىلەن مادرىت رىقابەت كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزۈلدى مۇسابىقە جەريانىنىڭ ئالدىنقى يېرىم بۆلىكىدە مادرىت رىقابەت كومادىسى بىر توپ ئۈستۈنل...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有