ئىبراھىموۋىچ: دۇنياغا ھۆكۈمران بولالايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-28 12:33:57

مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئىبراھىموۋىچ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، شىۋېتسىيە پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەيكەل تىكىلگەنلىكىگە ناھايىتى خۇشال بولغانلىقى ھەم چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىموۋىچ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى، ئۇ گوللاندىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيەدە بىرلەشمە چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى. 2016-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيە دۆلەت كوماندىسىدىن رەسمئىي چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىبراھىموۋىچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن مالمو شەھىرىنىڭ كىچىك بىر رايونىدىن كەلگەن، ئۇ يەرنى نامراتلار رايونى دەپ ئاتايتتى. ئەمما ھازىر شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختىدە مېنىڭ بىر ھەيكىلىم تۇرغۇزۇلدى.

مەن ئۆزۈمنى باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغاندەك ھېسسىياتتا قارايمەن. مەن تۇغۇلغان جايىم ۋە ياكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدىم. مەن ئىزچىل ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم، بۇنىسى ئېنىق».

ئەسلى گېپى: (I believed that I would take over the world, that is for sure)

«ئادەتتە مەشھۇر كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، باشقىلار ئاندىن ئۇنىڭغا بىر ھەيكەل تىكلەيدۇ. ئەمما مەن تېخى ھايات تۇرۇپلا ماڭا بىر ھەيكەل تىكلەندى، بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم ھەم خۇشال بولدۇم. شىۋېتسىيە مېنىڭ ۋەتىنىم، مەيلى مەن نېمە ئىش قىلاي، نەگە باراي مەن ئىزچىل شىۋېتسىيەگە ۋەكىللىك قىلىمەن. ھازىر مۇشۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن، مېنىڭ كەسپىي ھاياتىم بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئوخشايدۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈز بەردى. ئاخىرقى نەتىجىسى بولسا، مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ھەيكىلىنى پايتەختتە تىكلىيەلىدىم، بۇنىڭدىن ئارتۇق تەلىپىم يوق».

بۇ ھەيكەلنى داڭلىق سەنئەتكار پېتىر لىند لايىھەلىگەن بولۇپ، ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 2.7 مېتىر كېلىدۇ.

ئىبراھىموۋىچ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەيكەل مېنىڭ مۇسابىقىدىكى قول ھەرىكىتىمگە ئوخشايدۇ، بۇ ئىبراھىموۋىچنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، باشقىلارنىڭ تەنقىد ۋە گۇمانى نەزىرى ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى، شۇڭا مەن ھەيكەلنى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، كۈچلۈك، غايىۋى قىلىپ لايىھەلەتمەكچى بولغان. ئەمما پېتىر لىندمۇ ناھايىتى ياخشى ياسىدى. پېتىر لىند ئىنتايىن مۇنەۋۋەر بىر سەنئەتكار، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارى بار، ئۇ ھەيكەلنى بىر بەلگە خاراكتېرلىك ئەسەر قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇنى ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى قىلدى».


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有